ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2 – قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى يىغىنى
2012 – يىلى 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 09:25 تە، ئوقۇش نەتىجىسى ئەلا بولغان 10 ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز تەتقىقات ۋە ئۇتۇقلىرىنى ئۇيغۇر ئانا تىلىدا ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلارغا تونۇشتورۇشنى مەقسەد قىلغان 2 – قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قىزىققان بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى – زىيالىلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.
تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كۆز يۈگۈرتۇڭ!
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي كومېتىتى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 3 – قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تىمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
مائارىپ بىر مىللەتنىڭ ئويغىنىشى، قۇدىرەت تېپىشى ۋە يۈكسىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى بۈگۈن «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدىكى 3- قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر پەن – مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردى. 
ئىستانبۇلنىڭ زامانىۋى مەركىزى بولغان تاكسىم مەيدانىدىكى Green Park مېھمانخانىسىغا بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 16 نەپەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئۇيغۇر دوكتور، ماگېستىر ئوقوغۇچىلىرى، تۈركىيەدىكى ھەر ساھە زىيالىلىرى، مەرىپەتۋەر زاتلار كەلگەن بولۇپ، نەپىس بېزەلگەن مېھمانخانا يىغىن زالى ئېلىم-پەنگە تەلپۈنگەن 150 ئارتۇق يۈرەكلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى.
بىر لىدېردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت

رەسىمنىڭ ئۈستۈگە چەكسىڭىز «بىر لىدېردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت» ناملىق كىتاپنىڭ ئىنگلىزچە ئېلكىتاپ نۇسخۇسىغا ئېرىشەلەيسىز.
ئەركىن سىدىق
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
2010-يىلىدىكى بىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەن ئىشلەيدىغان ئىدارە JPL دىكى مەن قاتنىشىۋاتقان بىر پروجېكتنىڭ باشلىقى ماڭا: «ئەركىن، ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى بىزنىڭ پروجېكتنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بىر مۇھىم يىغىن بار. شۇ يىغىندا دوكلاد قىلىدىغانغا ماڭا بىر قانچە «PowerPoint» بېتى كېلىدىغان نەتىجىلەر كېرەك ئىدى. سەن ئۇنى دۈشەنبىگىچە تەييارلاپ بېرەلەرسەنمۇ؟
ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
مەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىشنى 2011-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنىلا باشلىغان بولۇپ، ئۇنى خېلە بۇرۇنلا تورغا چىقىرىپ بولۇشنى ئۈمىد قىلغانىدىم. ئەپسۇسكى، يېقىنقى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەن ئىدارىدە قاتنىشىۋاتقان بىر چوڭ پروجېكت (تەتقىقات تۈرى) بىر جىددىي باسقۇچقا كىرىپ قېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئاخشاملىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئىشلىمىسەم بولمايدىغان بىر ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدىم.
***** ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىككى يىللىقى تەبرىكلەش پائالىيىتى *****
2012 ئىستانبۇل يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىنى يامغۇر بىلەن كۈتىۋالغان بولسا، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتى بىلەن كۈتىۋالدى. سىم سىم ياغقان يامغۇر ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلنىڭ غەم-قايغۇلىرىنى يۇيۇپ، كېلىدىغان بىر يىلنىڭ بەخت- سائادىتىگە قۇچاق ئاچقاندەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىمۇ بۇ بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلاپ، شانلىق نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەپ، يېڭى بىر يىل ئۈچۈن پىلانلىرىنى تۈزدى.
ئېتىزغىمۇ كىتاب ئوقۇپ چىق
ھەبىبۇللا رەجەپ
«ﺋﯧﺘﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯩﻖ» دﯦﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺮا ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺧﯘددى ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘرۇﻗﺘﻪك ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ ﺋﯧﺘﯩﺰﯨﻐﺎ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻣﻪﻧﺎﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎخ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ، ﺑﯜك-ﺑﺎراﻗﺴﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن ﺋﯩﺪى. ﻣﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎب ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺮا ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪى. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺗﯧﺮﯨﻢ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎم ﺋﯧﺘﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ رﯨﺰﯨﻖ-ﻧﯧﺴﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎلاﺗﺘﻰ. ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣﯘﻧﺒﻪت ﺗﯘﭘﺮاﻗﻘﺎ ﭘﯧﺸﺎﻧﻪ ﺗﻪرﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘزۇپ، ﮬﯧﺮﯨﺶ-ﭼﺎرﭼﺎش ﺗﯧﻨﯩﻤﮕﻪ ﻳﺎﻣﺎﺷﻘﺎﻧﺪا، ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﮬﻪﻣﺮاﮬﯩﻢ-ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎلاﺗﺘﯩﻢ-دە، ﺋﯧﺘﯩﺰ ﻗﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻴﺴﺎﻳﻐﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎب ﻗﯘرﻟﯩﺮى ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﻳﻮرﻏﯩلاﻳﺘﺘﯩﻢ.
ئاغىنىدارچىلىقنىڭ ئۆلچىمى
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران
ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ – ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚرﻟﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﺷﻮﺗﺎ، ﺋﺎرﻣﺎن ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر. ﮔﻪپ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪرﯨﻘﯩﺪە راۋاﺟلاﻧﺪۇرۇش، ﻗﺎﻧﺪاق داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇﺷﺘﺎ.
ﺑﯩﺰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ: «ﺑﯘ ﺋﺎداﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮق ﺋﯩﻜﻪن»، «ﺑﯘ ﺋﺎداش ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎرﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ داﺋﯩﻢ دەپ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ ۋە ﺋﺎﯕلاپ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ دەل ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق دەۋاﺗﻘﺎن ۋە ﺷﯘﻧﺪاق ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕلاۋاﺗﻘﺎن ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰدا، ﺗﺎزا ﺋﻮﺑﺪان ﺋﻮﻳلاپ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، «ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ دﯦﮕﻪن ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ زادى ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟» دﯦﮕﻪن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﯕﺎﻳلا ﺑﺎﻳﻘﯩﯟالالاﻳﻤﯩﺰ.
ئەھمەد يەسەۋىي- ھاياتى، ئەسەرلىرى، ئىدىيسى ۋە تەسىرى
ئەھمەد يەسەۋىي- ھاياتى، ئەسەرلىرى، ئىدىيسى ۋە تەسىرى
پروفىسسۇر، دوكتور ئەھمەد تۇران يۈكسەل
(تۈركىيە سەلجۇق ئۇنۋېرسىتىتى ئىلاھىيات فاكۇلتىتى ئىسلام تارىخى بۆلۈمىدە)
تۈركچىدىن ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزىن تەرجىمىسى
1-ھاياتى
ئەھمەد يەسەۋىي، بۈيۈك سەلجۇقيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شانلىق دەۋىرلىرىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇ، «تۈركىستان پىرى، تۈركىستان خۇجىسى، ھەزرىتى سۇلتان، ئەۋلىيالار سۇلتانى، ئەۋلىيالار سەركىسى ۋە ئانادولۇنىڭ مەنىۋىي پەتھ قىلغۇچىسى» دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان.
خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ
خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاتا-ئانا، دوست يارەنلەرنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسنا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، مۇستەققىل ياشاشنىڭ مۇقەررەر شەرتى. خىزمىتى بار بولۇش تاپاۋىتى بار، يەيدىغان ئىچىدىغىنى، كىيىدىغىنى ۋە تۇرىدىغان جايى بار دېگەنلىك بىلەن باراۋەر.
قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
-ﺳﻪﮬﺮادا ﻳﺎﺷﺎۋەرﻣﻪ! ﺳﻪﮬﺮادا ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﯔ ﺑﻮﻏﯘﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﻣﺮۈڭ ﻣﯘددەﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن ﺋﯘﭘﺮاپ ﺗﯜﮔﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ، ﺳﻪﮬﺮادا ﻳﺎﺷﺎش – ﺟﺎﭘﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪپ ﺋﻪﻣﻪس! ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﺳﯜرەي دﯦﺴﻪڭ، ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪل! …
بۇ كىشىلەرنىڭ ئىشى يوقمۇ؟
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران
1
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪە، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺗﻮﭘﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺑﻮش ﻳﻪر ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺑﯘ ﻳﻪر ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﻛﯩﻤﺪۇر ﺑﯩﺮى ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ 01-02 دەك ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﯘﻣﯘلاق ﺋﯜﺳﺘﻪل ۋە ﭘﺎﻛﺎر ﺋﻮرۇﻧﺪۇﻗلارﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘۋاﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﻳﻪردە ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻨﻰ ﭼﯚرﯨﺪەپ ﺗﯚت ﺋﺎدەم ﻗﺎرﺗﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻜﻪن.
قېرى – ياش خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى
ﻟﯘﺷﯜﻧﻨﯩﯔ «ﻳﺎزﻧﯩﯔ ﺋﯜچ ﮬﺎﺷﺎرﯨﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ.
ﻟﯘﺷﯜن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى: «ﻳﺎز ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى، ﺋﻪﺗﻪ-ﺋﯚﮔﯜن ﺋﯜچ ﮬﺎﺷﺎرات ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺑﯜرﮔﻪ، ﭘﺎﺷﺎ، ﭼﯩﯟﯨﻦ. ﻣﯘﺑﺎدا ﺑﯩﺮەر ﺋﺎدەم ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯜچ ﮬﺎﺷﺎراﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺴﻪن؟ دەپ ﺳﻮﺋﺎل ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرۈﺷﯜڭ ﺷﻪرت دﯦﺴﻪ ۋە ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ (ﻳﺎﺷلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯩﺘﺎﺑلار) ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺟﺎۋاﺑﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﺎﻧﺪەك ﺟﺎۋاﺑﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪۇرۇﺷﻘﺎ رۇﺧﺴﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﻣﻪن ﺑﯜرﮔﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﻤﻪن، دەﭘلا ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘرﻣﻪن» دەپ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ.
مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى
تۇرغۇن يىلتىز
ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮدﯨﻦ :
ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاﻗﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪا ﺋﯧﺴﯩﻠﺰادﯨﻠﻪرﭼﻪ، ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪرﺗﻰ، ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاق ﻣﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠلاردﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﯩﺪۇ، دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ.
كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ
ئاپتور:مەرھۇم مۇختار قادىر ھونزادە
ﻛﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎرﯨﺦ ﺋﺎﭼﯩﺪۇ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر! ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت زۆرۈرﯨﻴﯩﺘﻰ. ﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن دۇﻧﻴﺎ ﺗﺎرﯨﺨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎرﯨﻠﯩﻖ دەرﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻳﯘﻗﯩﺮى ﻛﯚﺗﯜرﻣﻪﻛﺘﻪ. ﺗﺎرﯨﺨﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘرۇش ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس، ﺋﯘﻧﻰ دەﺳﺘﻪك ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪەك، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﻮﻣﯘس ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯚﺗﻤﯜش – ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﺎرﯨﺦ، رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ – ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﺎرﯨﺦ.



