ئارخىپلار

زىيارەتچىلەر

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 3 – قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تىمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

مائارىپ بىر مىللەتنىڭ ئويغىنىشى، قۇدىرەت تېپىشى ۋە يۈكسىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى بۈگۈن «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدىكى 3- قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر پەن – مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردى. 

ئىستانبۇلنىڭ زامانىۋى مەركىزى بولغان تاكسىم مەيدانىدىكى Green Park مېھمانخانىسىغا بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 16 نەپەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئۇيغۇر دوكتور، ماگېستىر ئوقوغۇچىلىرى، تۈركىيەدىكى ھەر ساھە زىيالىلىرى، مەرىپەتۋەر زاتلار كەلگەن بولۇپ، نەپىس بېزەلگەن مېھمانخانا يىغىن زالى ئېلىم-پەنگە تەلپۈنگەن 150 ئارتۇق يۈرەكلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى.

بىر لىدېردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت

رەسىمنىڭ ئۈستۈگە چەكسىڭىز «بىر لىدېردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت» ناملىق كىتاپنىڭ ئىنگلىزچە ئېلكىتاپ نۇسخۇسىغا ئېرىشەلەيسىز.

ئەركىن سىدىق

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى

2010-يىلىدىكى بىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەن ئىشلەيدىغان ئىدارە JPL دىكى مەن قاتنىشىۋاتقان بىر پروجېكتنىڭ باشلىقى ماڭا: «ئەركىن، ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى  بىزنىڭ پروجېكتنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بىر مۇھىم يىغىن بار. شۇ يىغىندا دوكلاد قىلىدىغانغا ماڭا بىر قانچە «PowerPoint» بېتى كېلىدىغان نەتىجىلەر كېرەك ئىدى. سەن ئۇنى دۈشەنبىگىچە تەييارلاپ بېرەلەرسەنمۇ؟

ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ

ئەركىن سىدىق

2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

مەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىشنى 2011-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنىلا باشلىغان بولۇپ، ئۇنى خېلە بۇرۇنلا تورغا چىقىرىپ بولۇشنى ئۈمىد قىلغانىدىم. ئەپسۇسكى، يېقىنقى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەن ئىدارىدە قاتنىشىۋاتقان بىر چوڭ پروجېكت (تەتقىقات تۈرى) بىر جىددىي باسقۇچقا كىرىپ قېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئاخشاملىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئىشلىمىسەم بولمايدىغان بىر ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدىم.

***** ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىككى يىللىقى تەبرىكلەش پائالىيىتى *****

2012 ئىستانبۇل يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىنى يامغۇر بىلەن كۈتىۋالغان بولسا، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتى بىلەن كۈتىۋالدى. سىم سىم ياغقان يامغۇر ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلنىڭ غەم-قايغۇلىرىنى يۇيۇپ، كېلىدىغان بىر يىلنىڭ بەخت- سائادىتىگە قۇچاق ئاچقاندەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىمۇ بۇ بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلاپ، شانلىق نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەپ، يېڭى بىر يىل ئۈچۈن پىلانلىرىنى تۈزدى.

« قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ نەزمىي يەشمىسىنىڭ مۇقەددىمىسى

مۇقەددىمە

ئۇيغۇرلار – ئۇزۇن تارىخقا، مول مەدىنىيەتكە ئىگە ۋە قىممەتلىك مەدىنى مىراسلارغا ئىگە قەدىمىي بىر مىللەت. ئۇيغۇر خەلقىمۇ، باشقا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، تۈرلۈك تارىخىي دەۋرىلەردە سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنى جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان.

ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرىنىڭ بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكى

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ، دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮى ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺗﯘرﻣﯘش، ﺳﻪﻧﺌﻪت، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋە ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﺪە ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﺗﻪۋەررۈك ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﯨﺪە ﮬﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﺪۇر.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئابدۇقېييۇم مىجىت
ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ – ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ (ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ) ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗ، ﺳﺎﻧﺴﯩﯩﻜﯩﺮﯨﺖ، ﺗﯜﺑﯜﺕ، ﺗﻮﺧﺮﻯ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ  ﺑﯘﺩﺩﺍ، ﻣﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﻧﯩﺴﺘﻮﺭﻯ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪﺭ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺋﯩﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ، ﻗﯩﺴﺴﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .

ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيىسىدىكى ئالتە زۈرۆرىيەت

ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيىسىدىكى ئالتە زۆرۈرىيەت يەنى ؛ساپ ھاۋا ، يىمەك – ئىچمەك ، ھەرىكەت – جىمجىتلىق ، ئۇيقۇ – ئويغاقلىق ، چىقىرىش – تۇتۇش ۋە روھىي ھالەتلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم رولى ۋە ئەھمىيىتى كىشىلەرگە بارغانسېرى ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلماقتا .

1 . ساپ ھاۋا

ھاۋانىڭ ساپ بولۇشى ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ، شۇڭا مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ ھاۋانىڭ ساپلىقىنى قوغداش ، پەسىلگە قاراپ كېيىنىش ، ئۆي ھاۋاسىنى پات – پات يەڭگۈشلەش ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ھاۋاسى ساپ جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىش لازىم .

غوجا بىغەم مازىرى ھەققىدە

ئابدۇقەييۇم مىجىت
غوجا بىغەم مازىرى خوتەن ناھىيسى لايقا يېزىسىنىڭ كالۋۇي كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ ، بۇ مازارنىڭ غەرب تەرپى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ، شىمال تەرپى خوتەن ناھىيسى ۋە خوتەن شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ ماي يول بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئىلى خەلقىنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈشى

ئىمىنجان باھاۋۇدۇن
تارانچى تۇنگانلارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈپ چىقىش تارىخى :روسىيە ھۆكۈمىتى 1871 – يىلى ئىلىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئېلىش بىلەن بىللە تارانچى ، تۇنگانلارنىڭ مۇستەقىل سۇلتانلىقى يوقىتىلغان ۋە ئۇ 1881 – يىلغىچە روسىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولۇپ كەلگەن . 1881 – يىلى 12 – فېۋرالدا پېتېربۇرگدا مانجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇئاھىدە ( كېلىشىم ) بويىچە ئىلى ۋىلايىتىنى بىرمۇنچە شەرتلەر بىلەن مانجۇ ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغان بولغان . روسىيە ئىلىنى مانجۇلارغا تاپشۇرۇپ ، مانجۇلار ئىلىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرغىچە بىر يىل ئىچىدە روسىيەگە تەۋە بولۇشنى خالىغۇچىلار بولسا ، روسىيە ئۆز ئېلىگە كۆچۈرۈپ كېتىشكە كېلىشكەندى ھەمدە مانجۇلار ئېلىگە تەۋە يەردىن روسىيە چېگرىسىغا يېقىن بولغان بىرمۇنچە يەرلەرنى ( قورغاس دەرياسى بىلەن غالجات ئارىلىقىنى ) روسىيەگە بەرگەندى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق بىلەن مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى

مۇھەممەتجان سادىق
«قۇتادغۇ بىلىك» مەيدانغا كەلگەن دەۋر قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى جەھەتتە دۆلەتنىڭ ئەھۋالى كۈندىن – كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان ئارىسلانخان سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق يەر – زىمىنلارنى پەرزەنتلىرىگە بۆلۈپ بەردى. سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ۋە جامائەت غەزىنىسى قۇرۇغدىلىپ، سىنىپىي بۆلۈنۈش تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئېزىش ۋە ئېزىلىش تېخىمۇ كۈچەيدى. ھۆكۈمرانلار ئارىسىدا كەيىپ – ساپا ئەۋج ئېلىپ، دۆلەت ئەھۋالى يامانلاشتى، ئالۋاڭ – ياساق چەكتىن ئېشىپ خەلق تۇرمۇشى ئېغىرلاشقانىدى.

”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى توغرىسىدا

نىشىۋاكى تاكېئو[ياپونىيە]

تەرجىمە قىلغۇچى: بارىجان زەپەر

”قۇتادغۇبىلىك“ سىياسەت، دىن، پەلسەپە، ئىدېئولوگىيە، ئېتىكا، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، ھەربىي ئىشلار، قانۇن، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇڭا، ئۇ بىر ئەدەبىي ئەسەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر قامۇستۇر.

« قۇتادغۇبىلىگ » داستانىدىكى ئىجتىمائى ئەخلاق مەسىلىلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە

ئامانۇللا
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانى چوڭ تىپتىكى ئەدىبىي ئەسەر بولۇپلا قالماي، يەنە 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىدىئولوگىيىسىنى، قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇش تەرەققىياتىنى مۇپەسسەل ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تارىخىي ۋە پەلسەپىي ئەسەردۇر. بۇ ئەسەرنىڭ باي ۋە چوڭقۇر مەزمۇنى- ئىلىم – پەن، مائارىپ، دۆلەت، قانۇن، تىل، تۇرمۇش، ئۆرپ- ئادەت، تەبىئەت، ئىجتىمائىيەت، ھەربى ئىستىراتېگىيە ۋە تاكتىكا، دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائى ئەخلاق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

« قۇتادغۇ بىلىك » تىكى ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ ئەھمىيىتى

1. ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»تىكى ئورنى

« قۇتادغۇ بىلىك» تىكى بىلىم قۇرۇلمىسى سېستىمىسدا، ئاسترونومىيە ئۆزىنىڭ بىر ئىلىم تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەۋدىلىك ھالدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگىدۇر.

1) « قۇتادغۇ بىلىك» داستانىنىڭ سەھىپىلىرىدە ۋە نەقىل كەلتۈرۈلگەن بىلىم – مەلۇماتلار ئىچىدە، ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ سالمىقى گەۋدىلىك.

 Page 1 of 257  1  2  3  4  5 » ...  Last »